Uyghur Tv tube (Uyghur TV Tube)

Uyghur | Uyghurs | Uyghur Culture | Uyghur Music | Uyghur Dance | Uyghur TV Programmes | Uyghur Star | Uyghur Move | 维吾尔族 | 新疆 | Uyghur Kino | Uighur |
ئۇيغۇر | ئۇيغۇر مەدىنىيتى | ئۇيغۇر يۇمۇر | ئۇيغۇر تىلىۋزىيە پۇروگۇراممىلىرى | ئۇيغۇر ناخشا | ئۇيغۇرچە ناخشىلار | ئۇيغۇر كىنو

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىلىرى
ۋەتەن يادى مېنىڭ سۈبھىگاھىمدۇر،
ئۇ كۈندۈز ئاپتىۋىم، تۈندە ماھىمدۇر.
ئەگەرچە ئەيلىسە رەشىك مەيلى كەئىبە،
ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر.

ئۆستۈردى قوينىدا مېنى شۇ تۇپراق،
ئۆلسەممۇ ماڭا ئۇ بولغۇسى يۇمشاق.
شۇ ۋەتەن ئىشقىدىن ئۇلۇغ نىمە بار،
سىغمايدۇ كۆڭۈلگە بۆلەك ئىشتىياق.

مەجنۇن تال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا_
بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم

ئانا سۈتى ئاقارتقاي دىلىڭنى سېنىڭ،
مەرىپەت يورۇتقاي يولۇڭنى سېنىڭ.
ۋەتەننىڭ سۈيگۈسى كۈچ، ئۈمىت بېرىپ،
پەلەككە يەتكۈزگەي قولۇڭنى سېنىڭ.

ھەر قانچە ئىگىزدە قوش پەرۋاز قىلۇر،
ئوزۇغى، ئۇۋىسى يەر ئۈزرە بولۇر.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،
پۇتلىرىڭ ھامان شۇ تۇپراقتا تۇرار.